UYNTV

[دۇنيا لوڭقىسى]يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە: گوللاندىيە vs ئارگېنتىنا

تەھرىر:艾海提 | كېلىش مەنبەسى:مەركىزىي تېلىۋىزىيە تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:10-07-2014 14:24

video

     بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئىيۇل سەھەر سائەت 04:00 دە،دۇنيا لوڭقىىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسى سان پاۋلو پۇتبول تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئارگېنتىنا بىلەن گېرمانىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، ئىككى تەرەپ 120 مىنۇتتا 0:0 بولۇپ تەڭلەشتى.شۇنىڭ بىلەن نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق غالىب تاللاشقا توغرا كەلدى.


     يەنە نۇقتا توپ جېڭى! ۋىلار بىلەن سىنايدىرنىڭ تەپكەن نۇقتا توپى ئارگېنتىنا ۋاراتارى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىندى، شۇنىڭ بىلەن 2:4 نەتىجە بىلەن گوللاندىيە كوماندىىسى ئارگېنتىنا كوماندىسىغا يېڭىلىپ قېلىپ ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشتىن مەھرۇم قالدى،1998–يىلىدىكى شۇ كۆرۈنۈش يەنە بىر قېتىم قايتىلاندى،گوللاندىيە كوماندىىسى نۇقتا توپ جېڭىدە يەنە بىر قېتىم يىقىلدى،بەلكىم قىزغۇچ كېيىملىك قوشۇنغا نىسبەتەن دۇنيا لوڭقىىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاچچىق جاراھەت بولۇشى تەقدىرىگە پۈتۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.


    ئارگېنتىنا كوماندىسى بولسا 1990-يىلىدىكى رىۋايىتىنى قايتىدىن يارىتىپ،ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئوڭۇشلۇق ھالدى كىردى، ئۇلار 14-ئىيۇل بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 03:00 دە جەڭ پاراۋۇزى گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن بولغان ھەل قىلۇچ مۇسابىقىدە ئۇچرىشىدۇ.

1

2

3

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ