UYNTV

ماتىراززى ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشىكارلىدى

تەھرىر:沙拉丁 | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:03-06-2014 19:01

0

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكىئەنگىلىيە تاراتقۇسى « 442 ژورنىلى » نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئىتالىيەدۆلەت كوماندىسنىڭ ئىلگىرىكى « تۈمۈر مۇداپىئەچىسى » ماتىراززى يېقىندامۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا :  2006-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچمۇسابىقىسدە ،فىرانسىيە كوماندىسنىڭ داڭلىق توپچىسى زىدانى تەرىپىدىن كاللا بىلەنزەربىگە ئۇچىراش ئىشىنىڭ تەپسىلاتىنى تۇلۇق ئاشىكارلىغان .شۇ نۆۋەتلىك دۇنيالوڭقىسى ھەل قىلغۇچتا ، فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى تار يولدائۇچۇرشۇپ قالغان بولۇپ ،بۇ زىدانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى،مۇسابىقە جەريانىدا ماتىراززىنىڭ ھاقارىتىگە چىداپ تۇرالمىغان زىدانى كەينىگەئۆرۈلۈپلا ماتىرازىنى ئۈسۈپ يىقىتقان .باش رېپىر زىدانىغا قىزىل كارتا چىقارغان .كېيىن ئېچىنىشلىق نوقتا توپ جېڭىدە فىرانسىيە كوماندىسى شاللىنىپ كەتكەن .دۇنيالوڭقىسىدىن كېيىن كىشىلەر ماتىراززى بىلەن زىدانى ئوتتۇرسىدا بۇلۇنغان سۆزنى ھەرخىل پەرەز قىلىشقان .تاراتقۇلار ئاستا كۈرۈنۈش ئارقىلىق بىردەك : ماتىرازىزىدانىنىڭ ئاپىسىنى تىللىغان . ھەمدە زىدانىنى « تېرورچى » دىگەن دەپ قارىغان .ماتىرازى ئەينى چاغدىكى ئىشنى ئاشىكارلىمىغان .ئارىلىقتىن 8 يىل ئۆتكەندە « 442ژورنىلى » بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى كىشىلەرگە تۇلۇق ئېچىپ بەردى .

        ماتىراززى مۇنداق دىگەن : « مۇسابىقە جەريانىدا مەن بىر قېتىم زىدانىغا چاپلىشىپ دىگۈدەك مۇداپىئە قىلىپ ، ئۇنىڭ ئۆرلەپ چىقىپ كاللا توپ ئۈسۈشىنى توسماقچى بولغان .بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ بېلىكىم زىدانىنىڭ بېقىنىغا   قاتتىقراق تېگىپ كەتتى .زىدانىمۇ قاتتىق نارازى بولدى .ھەركىتىم ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مەنمۇ شۇ ھامان زىدانىدىن بىر نەچچە قېتىم كەچۈرۈم سورىدىم .ئادەتتە بۇنداق ئىشلار پۇتبول مەيدانىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ .بىراق زىدانى بۇنى قۇبۇل قىلالماي ماڭا مۇنداق دىدى « ئەگەر كىيىمىم لازىم بولسا مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ساڭا سوۋغا قىلىۋىتەي » ماتىرازى : مېنىڭ مەيداندىكى ئورنۇم مۇداپىئە ، ئۆز ۋەزىپەمنى ياخشى ئادا قىلىشىم كېرەك ،سەمىميىتىمنى بىلدۈرۈپ زىدانىدىن شۇ جاۋاپنى ئالغاندىن كېيىن مەنمۇ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دىدىم « كىيىمىغا قارىغاندا ھەدەڭنى تېخىمۇ بەكىرەك ياخشى كۈرەتتىم -زىدانى » شۇ سۆزدىن كېيىن زىدانى كەينىگە ئۆرۈلۈپلا كاللا قۇيىۋەتتى !

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ