UYNTV

بىلگىيە خەلقى « يېڭى رونالدو » دىن ئۈمىد كۈتىدۇ

تەھرىر:沙拉丁 | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:03-06-2014 18:29

0


    بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىدىغانغا يەنە 14 كۈن قالدى .بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى كوماندىلار دەسلەپتە چوڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولسا ھازىر رەسمىي مۇقىملاشتۇرۇپ ئاساسلىق سەپ شەكلىنى قۇرۇپ چىقىشقا باشلىدى .بۇ جەرياندا بەزى توپچىلار تىزىملىكتىن يەنە بىر قېتىم تاسقىلىپ چۈشۈپ قالدى .مانچېستىردا توپ تېپىدىغان فىرانسىيەلىك داڭلىق توپچى ناسىرى ۋە ئامېركىلىق بىرىنچى مەرگەن دونوۋاندىن باشقا كۈتۈلمىگەن ئىشلارمۇ بولمىدى .بۈگۈن داڭدار چولپانلار توپلاشقان ياۋروپا قىزىل ئالۋاستىسى - بىلگىيە كوماندىسى ئاخىرقى تىزىملىكنى ۋە توپچىلارنىڭ كىيىم نومۇرنى ئېلان قىلدى .10 -نومۇرلۇق كىيىم چېلسى كوماندىسىدىكى « يېڭى رونالدو » دەپ نام ئالغان داڭلىق ھۇجۇمچى خازاردقا يەنە بىر قېتىم مۇقىملاشتى . بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقان ئىستىقباللىق بۇ توپچىدىن بىلگىيە خەلقى زور ئۈمىد كۈتىدۇ .دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى مۇشۇنداق يېڭى يۇلتۇزلار بىلەن يۇقۇرى پەللىگە يەتكۈسى .

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ