UYNTV

راموس : ئالتۇن توپقا ئېرىشكۈم بار

تەھرىر:沙拉丁 | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:03-06-2014 18:18

0


          بۇ خانلىق مادرىد ۋە ئىسپانىيە ئوتتۇرا بىكى راموس ھازىر كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يوقىرى پەللىسىدە تۇرماقتا ، بۇ يىل ئۇ مادرىدقا ياردەملىشىپ 10 - قېتىملىق چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۇنىڭ قىز دوستى راموس ئۈچۈن بىر پەرزەنت تۇغۇپ بەردى .
          راموس سۆز قىلىپ : " مەن ھازىر ئەڭ ياخشى ھالىتىمدە تۇرىۋاتىمەن ، بۇ يىل ئىنتايىن ئۇلۇغ بىر يىل ، مەيلى شەخسىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى پۇتبول جەھەتتىن بولسۇن . مەن مۇشۇنداق ياخشى ھالىتىم بىلەن بىرازىلىيەگە بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن . مەن ئالتۇن توپقا ئېرىشىشنى ئىنتايىن خالايمەن ، بىراق مەن بۇنى ئويلىشىپ باقمىدىم . نېمىلا دىگەن بىلەن ، شەخسىي شەرەپكە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ بارلىق سەپداشلارنىڭ ياردىمى كېرەك بولىدۇ . 10 - لوڭقا راموسنىڭلا ئەمەس كۆپچىلىكنىڭ لوڭقىسى . نورغۇن كىشىلەر بۇ لوڭقا ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى . مادرىدلىقلار ئۈچۈن بۇ بىر ئۇلۇغ يىل بولدى .  "

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ