UYNTV

قولۇڭنى تارت -كىرىستىئانو رونالدو !

تەھرىر:沙拉丁 | كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى | ئېلان قىلغان ۋاقتى:03-06-2014 17:16

0

     ئادەتتە مۇسابىقە جەريانىدا بەزى توپچىلارنىڭ بىربىرىنىڭ قولىقىغا پىچىرلاپ سۆزلەۋاتقان ،شۇنداقلا يەنە بەزى توپچىلار قولىنى ئاغزىغا يېقىن ئەكىلىپ قارشى تەرەپكە بىر نىمىلەرنى دەۋاتقان كۈرۈنۈشنى بىز دائىم كۈرۈپ تۇرىمىز .كۆپچىلىككە مەلۇم ،تېخنىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاستا كۈرۈنۈش ئارقىلىق شۇ توپچىنىڭ ئېغىز ھەركىتىگە قاراپ نېمە دەۋەتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالدى .

          2006-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسدا ئىتالىيەلىك مۇداپىئەچى ماتىررازىنىڭ زىدانىنى تىللىغان سۆز ھەركىتىنى تاراتقۇلار ئاستا كۈرۈنۈش ئارقىلىق ئاساسى جەھەتتىن توغرا تاپقان . توپچىلار مەيداندا ئەركىن پاراڭلاشقاندا تاراتقۇلارنىڭ ئۆزىگە ئاۋارچىلىق تېپىپ بېرىشىدىن ئەنسىرەپ ھازىرمۇ قولى بىلەن تۇسۇپ سۆزلىشىۋاتىدۇ .بەزىلەر مۇسابىقە جەھەتتىكى بەزى ئىشلارنىڭ ئاشىكارلىنىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ .تېرىنىرلارمۇ شۇنداق ،ئەمما زاپاس ھالەتتىكى توپچىلارنىڭ قۇلىقىنى يېقىپ سۆزلىشىشى ئاز ئۇچىرايدۇ .

         ئالدىنقى كۈنى ئوينالغان پورتۇگالىيە بىلەن گىرىتسىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىسدە ،يارىدار ھالەتتىكى كىرىستىئانو رونالدو بىلەن پېي پېي زاپاس ئەزا ئورنىدا ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرگەن بولۇپ  ،رونالدو بۇ يەردىمۇ ئەركىن سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالماي قولى بىلەن ئاغزىنى توسۇپ پېي پېيغا سۆز قىلغان،ئەسلى بۇ ئۆز ۋەتىنى لىسىبۇندا ئېلىپ بېرىلغان ئادەتتىكى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ، پېي پېي بولسا يېقىن دوستى ئىدى ....ئامال يوق ،چۈنكى داڭلىق توپچىلاردىمۇ بېسىم كۆپ .

خەلقئارا خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار تېخىمۇ كۆپ